جۇ يوڭكاڭنىڭ ياردەمچىسىنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سابىق خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى رەئىسى جۇ يوڭكاڭنىڭ ياردەمچىسى جى ۋېنلىننىڭ ئىنتىزامسىزلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

جى ۋېنلىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇ ئىنتىزام ۋە قانۇن-مىزانلارغا قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلىش گۇمانى بىلەن خىزمىتىدىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

جى ۋېنلىن جۇ يۇڭكاڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي زېمىن بايلىقى مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغدا ئۇنىڭغا كاتىپ بولغان ئىكەن.

ئىنتىزامسىزلىق كۆپىنچە ھاللاردا چېرىكلىك ۋە پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. جۇ يۇڭكاڭ خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى رەئىسى ۋە خىتاي مەركىزىي سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ئىدى. ئۇ 2012-يىلى پېنسىيىگە چىققان.

ئەمما ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چېرىكلىك ۋە پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت