جۇ يۈڭكاڭنىڭ يەنە بىر يانتايىقى- لى دۇڭشېڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىغان پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش تۇرۇش ھەرىكىتى داۋامىدا خىتاينىڭ سابىق دۆلەت ئەربابلىرىدىن جۇ يۈڭكاڭنىڭ يەنە بىر يانتايىقى-لى دۇڭشېڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

رويتىرىسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، لى دۇڭشېڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ، ئۇ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا خىزمەتتىن توختىتىلغان ئىكەن؛ شىنخۇا بۈگۈنكى خەۋىرىدە لى دۇڭشېڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىلمىشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتايچە غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدا گۇرۇھۋازلىق ئەۋجىگە چىقىپ ئۆز-ئارا ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنى 2 يىلدىن بېرى يېزىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ دۆلەت ئاخباراتىدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمەي كەلگەن. ئەمما ئالدىنقى يىلى يۈز بەرگەن بو شىلەي ۋەقەسى ۋە جۇ يۈڭكاڭنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى يېقىن شېرىكلىرى ئۈستىدىن رېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى مەزكۇر ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت