خىتاي جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار ئورگانلىرى سودىسىنىڭ ئارقا تىرىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، ئادەم ئورگانلىرى ئىئانە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جېفۇ يېقىندا قىلغان بىر سۆزىدە، ئىلگىرىكى يىللاردا خىتايدا ئەۋج ئالغان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى سېتىش سودىسىنىڭ ئارقا تىرىكى جۇ يۇڭكاڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يېقىندا خىتايدىكى مەركىزى تېلېۋىزىيەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، خىتاي ئادەم ئورگانلىرى ئىئانە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇڭ جېفۇ «2015-يىلدىن باشلاپ جۇڭگودا ئىچكى ئەزالار كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدە، ئىئانە قىلىنغان ئادەم ئورگانلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 2009-يىلدىن ئىلگىرىكى يىللاردا بۇ خىل ئىئانە قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلمىغىنى ئۈچۈن، بۇ خىل ئوپېراتسىيىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرى ئىشلىتىلەتتى. جۇ يۇڭكاڭ ئىلگىرى دۆلەت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى، توققۇز نەپەر سىياسىي بيۇرو ئەزاسىنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىلگىرىكى يىللاردا ئەۋج ئالغان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى سېتىش سودىسىدىكى مەنپەئەتدارلارنىڭ ئارقا تىرىكى بولۇپ كەلدى» دېگەن.

چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دوكلاتلىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىش قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىشنى ۋە ئادەم ئورگانلىرى سودىسىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەيىبلىشىنى «يامان نىيەت بىلەن جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا قارا سۈركەش» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت