جۇ يۇڭكاڭ سىياسىي بيۇرۇنىڭ بو شىلەينى ئاغدۇرۇش قارارىنى ئۇنىڭغا ئاشكارىلاپ قويغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-04-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3‏-ئاپرېل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى جۇ يۇڭكاڭنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن سوتلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق ئۇنىڭ قانداق مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغانىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، 2012-يىلى خىتاي سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتى سابىق چۇڭچىڭ پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينى ئاغدۇرۇشنى قارار قىلغان. جۇ يۇڭكاڭ سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى بو شىلەيگە يەتكۈزۈپ قويغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي رەھبەرلىرىگە يېقىن بىر ئۇچۇر مەنبەسى «جۇ يۇڭكاڭ بو شىلەيگە مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنى يىقىتىش قارارىنى ئېيتىپ قويغان» دەپ كۆرسەتكەن. باشقا بىر ئۇچۇر مەنبەسى جۇ يۇڭكاڭنىڭ بۇ ئۇچۇرنى بو شىلەيگە يەتكۈزۈپ قويۇشى، «بو شىلەينىڭ چەتئەلگە قېچىپ كېتىش ياكى باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەش» خەۋپىنى پەيدا قىلغان دەپ قارىغان.

خىتاي ئالىي سوتى 3‏-ئاپرېل جۇ يۇڭكاڭنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ۋە پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تيەنجىندە سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق سوتنىڭ قاچان ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان ئىدى. ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت