جوۋ يوڭكاڭ «شىنجاڭ ئەۋلىياسى» دەپ ئاتالغان پالچى خىتاينى مەخپىي ھۆججەت بىلەن تەمىنلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پەيشەنبە كۈنى، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى جوۋ يوڭكاڭ، ئۈرۈمچىنىڭ شۈمىگو رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق «شىنجاڭ ئەۋلىياسى» دەپ ئاتالغان خىتاي پالچى ساۋ يوڭجىڭنى مەخپىي ھۆججەت بىلەن تەمىنلىگەن.

«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، تيەنجىندە مەخپىي سوتلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان جوۋ يوڭكاڭ سوتتا ساۋ يوڭجىڭنى ئۇ كۆرۈشكە بولمايدىغان 5 مۇتلەق مەخپىي ھۆججەت، بىر مەخپىي ھۆججەت بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان، دەپ ئەيىبلەنگەن.

لېكىن خەۋەردە، جوۋ يوڭكاڭنىڭ پالچى ساۋ يوڭجېڭنى قانداق مەخپىي ھۆججەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ساۋ يوڭجىڭ ئۈرۈمچىنىڭ شۆمىگو رايونىدا دەرگاھ قۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا پال سېلىش، ئۇلارنى داۋالاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن.

بۇ جەرياندا ئۇ، خىتاي ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدىكى سەرخىللەر بىلەن مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرگەن.

«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساۋ يوڭجېڭ مۇناسىۋەت تورىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ سابىق ئەمەلدارى بىلەن بىرگە خوڭكوڭدا شىركەت ئاچقان. مەزكۇر شىركەت مەخسۇس ئۇيغۇر ئىلى ۋە خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە نېفىت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىدە، ساۋ يوڭجېڭنىڭ 22‏-ماي تيەنجىن سوت مەھكىمىسىدە جوۋ يوڭكاڭغا قارشى گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت