جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئايالى 9 يىللىق، ئوغلى 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتى چارشەنبە كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئايالى جيا شاۋيېنى 9 يىللىق، ئوغلى جۇ بىننى 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. سوت مەھكىمىسى يەنە جۇ بىنغا بىر مىليارد 700 مىليون دوللار جەرىمانە قويغان.

مەھكىمە شۇنداقلا ھەر ئىككى مەھكۇمنىڭ ھۆكۈمگە قايىل بولغانلىقىنى ۋە ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جيا شاۋيې جۇ يۈڭكاڭنىڭ 2‏-خوتۇنى بولۇپ، ئۇ بۇرۇن خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2‏-قانىلى مالىيە-ئىقتىساد پروگراممىسىنىڭ مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان. مەھكىمە جيا شاۋيېنى پارا ئېلىش، ئېرىنىڭ تەسىر كۈچىنى قوللىنىپ، پارىخورلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

جۇ بىنغا دادىسى جۇ يۈڭكاڭنىڭ پارىخورلۇقىغا شېرىك بولۇش، پارىخورلۇق جىنايىتى، تەسىر كۈچىنى قوللىنىپ پارىخورلۇق قىلىش، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلغان.

جۇ يۈڭكاڭ 2014‏-يىلى 12‏-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 2015‏-يىلى 6‏-ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان، بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت