خىتاي جۇ يۈڭكاڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسى 29-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە جۇ يۈڭكاڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى خىتايدىكى 9 نەپەر سىياسىي بيۇرو ئەزاسىنىڭ بىرى، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا جۇ يۈڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تەكشۈرۈش نامىدا تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ۋەقەدىن كېيىن جۇ يۈڭكاڭ جەمەتى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر قىلىنغان. ئەمما خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە جۇ يۈڭكاڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا ئائىت رەسمىي خەۋەر بېرىلمەي، پەقەت ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارغا چارە كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى جۇ يۈڭكاڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىللە يەنە، بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18- نۆۋەتلىك 4-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت