ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى جۈمە تاھىر ئۆلتۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۈمە تاھىر چارشەنبە كۈنى ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا باشقىلار تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۆلۈمى يەكەن ئىلىشقۇ يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، دائىرىلەر پۈتۈن ناھىيىنى قامال قىلغان، ۋەقەدە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر مەزگىلدە يۈز بەردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى ساياھەتچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا بىر كىشىنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، پىچاقلىق ئىككى كىشىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىز قەشقەرگە تېلېفون قىلىپ، ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئۆلگەن كىشىنىڭ جۈمە تاھىر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

جۈمە تاھىر ئىلگىرى خىتاي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ مارالبېشى ۋە باشقا جايلاردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ «ئادەم ئۆلتۈرۈپ، مۇسۇلمانلىقتىن چىققانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

جۈمە تاھىر ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئۆلۈمالىرىدىن سىياسىي باياناتلىرى سەۋەبلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ياكى ئۆلتۈرگەن 3‏-كىشى.

1930‏- يىللىرى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل دامۇللا مىلىتارىست شى شىسەينى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 1990‏-يىللىرى ھارۇنخان دامۇللا پىچاقلاپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت