خىتاي، ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمىگە چېتىشلىق دەپ قارىغان ئىككى گۇماندارنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

2014-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بۈگۈن ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە چېتىشلىق دەپ قارىغان ئىككى كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. بىر كىشىنى قولغا ئالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرىدا، تۇرغۇن تۇرسۇن، مەمەتجان رەمتۇللا، نۇرمەمەت ئابدىلىمىت قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ رادىكال ئىدىيىنىڭ تەسىرى بىلەن چوڭ ئىش چىقىرىپ، تەسىر قوزغاش ئۈچۈن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى «سوتسىز ئۆلۈم» جازاسى دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇلار، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى كىشىنىڭ پەقەتلا گۇماندار ئىكەنلىكىنى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلىماي تۇرۇپ، دەلىل - ئىسپات كۆرسەتمەي تۇرۇپ، سوت ئاچماي تۇرۇپلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈشىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر چارشەنبە كۈنى تۇنجى بولۇپ ئىستانسىمىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى ئۇچۇر تارقىتىپ، ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ 30 - ئىيۇل چارشەنبە كۈنى سەھەر ۋاقتى 06:58 مىنۇت ئۆتكەندە پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىنلا ئۇلار يەنە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا قاتتىق ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن تېررورچى - زوراۋان ئۇنسۇرلارغا، دىنىي رادىكاللارغا قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدا يەنە قەسەم ئىچتى.

بىراق، كۆزەتكۈچىلەر، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەنسېرى، رايوندىكى قارشىلىقنىڭمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ رايوندا مۇقىملىق يارىتىشنىڭ قېينلىقىنى مۇلاھىزە قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت