ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمام خاتىبى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى

2014-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىب ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى ئىستانسىمىز تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلارنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارادىكى نۇرغۇن داڭلىق ئاگېنتلىقلار ۋە گېزىتلەر ئىستانسىمىزنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ، بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرنال ۋال سىترىت ژۇرنىلى، لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، گاردىيان گېزىتى ۋە ئەل - جەزىرە قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى.

خەۋەرلەرگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا «خىتايدىكى دۆلەت تەيىنلىگەن مۇسۇلمان لىدىر ئۆلتۈرۈلدى»، «كوممۇنىست پارتىيىنى ھىمايە قىلغان ئۇيغۇر ئىمام پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلدى»، «ئۇيغۇر ئىمام ئەتىگەنلىك نامازدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلدى» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار قويۇلغان.

خەۋەرلەردە بىردەك، ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولۇپ ۋەقە پەيدا قىلغانلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرىنى مەدھىيىلەپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ نەپرىتىگە دۇچار بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت