بىر قىسىم نازىر دەرىجىلىك كادىرلار ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ناملىق خەتنى تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئورۇنلاشقان رايونلاردىكى رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش ئىپادىلىرىنى بىلدۈرۈش ھەرىكىتى تەشكىللەش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك نازىر دەرىجىلىك كادىرلىرىنىڭ ئىپادە خەتلىرىنىمۇ ئېلان قىلىشقا كىرىشتى.

ھۆكۈمەت مەتبۇئات ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان «تەڭرىتاغ تورى» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى ۋە مۇئاۋىن نازىرى ئىلھام ئوسمان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەمەتجان ئابلا قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر كادىرلارغا يازغان ئوچۇق خەتلىرىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى مەردان مۇقىتمۇ «ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت» دەپ ئاتالغان بىر پارچە خەتنى ئېلان قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەمەتجان ئابلا ئوچۇق خېتىدە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بەختىيار ھايات ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، «بىز ئۇيغۇر مىللىتى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۈگۈنكى بەختىيار ھاياتنى خۇدا ئەمەس، جۇڭگو كومپارتىيەسى بەرگەن» دەپ يازغان ۋە ئۇيغۇر كادىرلارنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە قارشى، «مىللى بۆلگۈنچىلەر»گە قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان.

ئىلھام ئوسمان بولسا، خېتىدە «شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى، تارىختىن بېرى كۆپ مىللەت، كۆپ دىن ۋە كۆپ مەدەنىيەت ئۆزئارا ئارىلاشقا ۋە ئۇچراشقان جاي» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، ئوبۇل قاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاتقانلىقى»، ۋە «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ < ئۇچ خىل كۈچلەر>گە قەتئىي زەربە بېرىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكى»نى تەكىتلىگەن.

بۇ كادىرلارنىڭ ھەممىسى خەتلىرىدە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى تۇرۇش، پارتىيەگە سادىق بولۇش ئىپادىلىرىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىدە ئاساسىي نىشان ئۇيغۇر كادىرلارغا ۋە ئۇيغۇر ئاممىسىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئاتالمىش«مىللى بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ھەرىكەتلىرى» پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا خاستەك كەيپىيات يارىتىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت