ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلار كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قارا كۆزەينەك ئىشلىتىشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىش ئەسۋابلىرى قاتارىغا يۈز تونۇش كامېراسى )ئاپپاراتى( ئورۇنلاشتۇرۇلغان قارا كۆزەينەكنىڭمۇ قېتىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«ۋال-سترېت ژۇرنىلى» نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يۈز تونۇش كامېراسى ئورنىتىلغان قارا كۆزەينەكلەرنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچىلار بۇ يىللىق چاغان ھارپىسىدا پويىز ئىستانسىلىرىدا ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋە بەلگىلىك ئۈنۈم قازانغان.

بۇ كۆزەينەكنى كوچىلاردىكى مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ھەرىكەتچانلىققا ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، چوڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا مۆكۈپ ياكى قېچىپ يۈرگەن ۋە ياكى كىملىك ئۆزگەرتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان گۇماندارلارنى بايقاشتا تېزلىك ۋە توغرىلىق جەھەتتىن زور ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ۋىليام نىي، بۇ ئەسۋابنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەرنى تېز بايقاش جەھەتتە ئىمكانىيەت يارىتىپلا قالماستىن، بەلكى سىياسىي ئۆكتىچى ياكى خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن بولغان گۇماندارلارنى تۇتۇشتىمۇ ئاسانلىق يارىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ كۆزەينەك ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. بېجىڭدىكى LLvision شىركىتى بۇ ئەسۋابنى ياساش ئۈچۈن خېنەن، شەندۇڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچى ئورگانلىرى بىلەن بىر يىل ھەمكارلاشقان ئىكەن.

مەزكۇر خەۋەردىكى ئۇچۇرلاردىن كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قارا كۆزەينەكنىڭمۇ خىتايدا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى (Drone) مۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدا سىناق قىلىنغان، يەنى 2014-‏يىلى 28-ئىيۇلدا يەكەندە يۈز بەرگەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت