ئامېرىكا چەكلىگەن خىتاي شېركىتىنىڭ كانادادا يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادا» قارا تىزىملىك «كە ئېلىنغان خىتاي تېخنىكا شېركىتىنىڭ كانادادىكى بىر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

«CBC خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا-كانادا ئارىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنى كانادادىكى «بېرىتانىيە كولومبىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى» غا قاراشلىق بىر تىجارەت كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يىغىنغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشىدا رول ئالغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان «سەزگۈر چاغ» («SenseTime») شېركىتىنىڭ دېرىكتورى جىممىي جوۋنى تەكلىپ قىلغان. مەزكۇر يىغىننىڭ يەنە ۋانكۇۋېردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم. 

«سەزگۈر چاغ» شېركىتى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا شېركىتى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ خۇاۋېي شېركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايدىكى چىراي تونۇش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان. مەزكۇر شېركەت بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزگەن تەقىبلەش سىياسەتلىرىگە ھەمكارلىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنغان 28 خىتاي مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىرى. 

بىراق مەزكۇر شېركەتنىڭ نويابىرنىڭ 16-17 كۇنلىرى كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ دېرىكتورى جىممىي جوۋنىڭ بۇ يىغىندا نۇتۇق بەرمەكچى بولۇشى كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. 

كانادا ۋانكۇۋېر ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ياشلار رەئىسى سالىننا نۇرئەلى «CBC خەۋەرلىرى» گە خەت يېزىپ، «كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بېرىتانىيە كولومبىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى» مەمۇرىيىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مەكتۇبىدا «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا كانادا ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىزلىك ھوقۇقلىرىغا قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك،» دەپ كۆرسەتكەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇغان تىجارەت كۇلۇبىنىڭ باشلىقى مىشەل لاۋ ئۆزلىرىنىڭ كانادادىكى ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن نارازىلىقتىن تۇيۇقسىزلىق ھېس قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ دەرھال بۇ مەسىلىگە قاراپ چىقىپ، كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق «سەزگۈر چاغ» شېركىتى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت