كانادانىڭ ئىككى پارلامېنت ئەزاسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىغا قارشى قانۇن لايىھەسى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ 2 نەپەر ئەزاسى ھۆكۈمەتنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، خوڭكوڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش توغرىسىدا قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى كانادا پارلامېنتىنىڭ كونسېرىۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى لېئو خيۇساكوس بىلەن تەن خاينو ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان. كانادا تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەقسىتى بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق باش مىنىستىر تېرىدونىڭ رەھبەرلىكىدىكى كانادا ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشقا بېسىم ئىشلىتىشكەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى تەن خاينو كانادانىڭ «ئى-پولىتىكا‏» ناملىق تور گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئوتتاۋانى خىتاي ۋە خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى، تۈپ ئادالەت پرىنسىپلىرىغا ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىشى، خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان نامايىشلار ۋە خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك» ئۇلارنى جازالاشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ئۆزلىرىنىڭ «بىر كانادالىق بولۇش سۈپىتىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى تەمتىلەپ، «بىز بىرمىدىكى روھىڭگا مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. لېكىن خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھېچنىمە قىلمىدۇق. بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟» دېگەن. لېئو خيۇساكوس بىلەن تەن خاينونىڭ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر 2019‏» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان كۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

كانادا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لېئو خيۇساكوس بىلەن تەن خاينونىڭ قانۇن لايىھەسى دەرھال خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سوڭ پېيۋۇ تەھدىت سېلىپ، «ئەگەر كانادا پارلامېنتى بۇ لايىھەنى قوبۇل قىلسا، بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، بۇ تېرىدو ھۆكۈمىتىگە خىتايغا قارىتا قاتتىق قول بولۇش توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت