كانادا پارلامېنت ئەزالىرى كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قارشى «ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادانىڭ ئىككى نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى كانادا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

سېناتور لىيو خوۋساكوس ۋە سېناتور تانخاينگو قاتارلىق ئىككى نەپەر كانادا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بۈگۈن كانادادىكى «ماكلىنىس» ناملىق خەۋەر تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى قارارىنى جاكارلىغان. ئۇلار ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان ئېغىر دەپسەندىچىلىكىنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشلاردا ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق زىيانكەشلىكلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

سېناتورلار كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ تۈپكى پرىنسىپى قىلغان كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى بۇ زۇلۇمغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ تۇرسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇلار كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە، بولۇپمۇ ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مالىيەگە مەسئۇل باشلىقى مېڭ ۋېنجۇنىڭ كانادادا تۇتۇپ قېلىنىشى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە قولغا ئېلىنغاندا كانادانىڭ ياۋاش-يۇمشاق تۇرۇپ، خىتايغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

سېناتور لىيو خوۋساكوس ۋە سېناتور تانخاينگو ماقالىسىدە كانادا دۆلەت مەجلىسنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنى خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى خاتالىقى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلار بۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ كانادا پارلامېنتىدا كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە پرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرۈشكە بېسىم قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت