ئۇيغۇر دىيارىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئادەم قوبۇل قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-08-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۇيغۇر  دىيارىدىكى ياش ئەمگەك كۈچلىرى « ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» قاتارىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار بولسا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن.

تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر  دىيارىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن ۋە لەنجۇ قاتارلىق جايلاردىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، مەخسۇس خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ئۆلكىلىرى «ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىش» نامى ئاستىدا قۇرغان كارخانىلارنى يەرلىكلەرگە ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەن يۆتكەشكە ۋاستە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېخى يېقىندا، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شەندۇڭ، خېنەن، ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن كەلگەن جەمئىي 1800 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۇيغۇر  رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە ئارزۇسى بويىچە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر  دىيارىغا خىتاي كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى توختىتىپ، يەرلىكلەرنى پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمان قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت