خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنمىغان ئابخازىيە ۋە جەنۇبى ئوسسېتىيە كاتالونىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كاۋكازىيەدىكى ئابخازىيە ۋە جەنۇبى ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيەنىڭ «كومسومول ھەقىقىتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرغا قارىغاندا، جەنۇبىي ئوسسېتىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترىي مېدويېۋ جەنۇبى ئوسسېتىيەنىڭ كاتالونىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى ۋە ھازىر ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئابخازىيە ھۆكۈمىتىمۇ كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئابخازىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىلى 2014-يىلىدىن تارتىپ، كاتالونىيەدە پائالىيەت قىلماقتا ئىكەن. ئابخازىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆز جۇمھۇرىيىتىنىڭ كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، ئابخازىيە ۋە جەنۇبى ئوسسېتىيە ئەسلىدە گرۇزىيە تەۋەلىكىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەر بولۇپ، 1990-يىللاردا رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان ۋە 2008-يىلى، رۇسىيە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان. ئەمما ئۇلار، ھازىرغىچە، رۇسىيە ۋە بىر قانچە دۆلەتتىن باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ۋە ب د ت نىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە، ھەتتا رۇسىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى خىتايمۇ رۇسىيە تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى چەتكە قايرىپ، مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇمىغان ئىدى. خىتاي بۇ قېتىم يەنە كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغىمۇ قارشى پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن.

كاتالونىيە، مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن بۇيان ھازىرغىچە، ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ياكى ب د ت تېخى كاتالونىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان. 

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاتالونىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، كرىزىس تېخىمۇ ئېغىرلاشقان بولۇپ، ئىسپانىيە يۇقىرى پالاتاسى كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنى ھەم بۇ ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىۋېتىپ، بۇ جاينى بىۋاسىتە باشقۇرۇش ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما يەكشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتى رەئىسى كارلېس پۇچدېمون ئۆزىنىڭ بۇ رايوننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت