كاتالونىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن ئىسپانىيەدە ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئاپتونوم ئۆلكىسى 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشى مادرىد دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن ۋە ئىسپانىيەدە ۋەزىيەتنىڭ بىردىنلا كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كاتالونىيە پارلامېنتى مۇستەقىللىق جاكارلاپ بىرقانچە سائەت ئۆتمەيلا ئىسپانىيە پارلامېنتى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيەنى بىۋاسىتە كونترول قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

«مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى راجوي دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى، كاتالونىيە پرېزىدېنتى كارلېس پۇگدېمۇنت بىلەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئورىئول جۇنكۇراسنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسپانىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتى يەنە كاتالونىيەدە قايتا سايلام ئېلىپ بېرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا مەزكۇر رايوننى بىۋاسىتە كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شۇ كۈنى ئىسپانىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقى كاتالونىيەگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت راسخوتلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كاتالونىيەدىكى مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئاھالىلەر بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىگە بۇندىن كېيىن باج تاپشۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئىسپانىيە دائىرىلىرى بىلەن كاتالونىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى كاتالونىيەنىڭ ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىشىغا نىسبەتەن سوغۇق ئىنكاستا بولغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئانتونىئو تاجانى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھېچكىم كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى تونۇمايدۇ،» دېگەن.

تولۇق بەت