خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى لاگېرلار ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لاگېرلارغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلانغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقانىدى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارادا لاگېرلارنى تاقاش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى چاقىرىقلار كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 25-نويابىر دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قورقۇنچلۇق سىياسەتلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا دىرېكتورى لىسا تاسسى باياناتتىكى سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر سايىسىدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان يىرگىنچلىك زىيانكەشلىكىگە ئائىت تاغدەك پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقتى» دېگەن.

ئۇ يەنە، ھۆججەتلەردە ئاشكارىلانغان قورقۇنچلۇق تەپسىلاتلارنىڭ ئۆزلىرى لاگېر شاھىتلىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ھەر ھەپتە خەلقئارا جامائەتچىلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى پۇقرالىرىغا قىلىۋاتقان قورقۇنچلۇق تۈزۈملەر توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلاردىن خەۋەر تېپىۋاتىدۇ. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلار ھەققىدە ‹بىز ئۇلارغا كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى بېرىۋاتىمىز›، دېگەنگە ئوخشاش پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان تەشۋىقاتلىرىنى توختىتىدىغان ۋاقىت كەلدى.» دېگەن.

ئۇلار يەنە باياناتىدا تۆۋەندىكى چاقىرىقلارنى قىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقا تەقەززا بولۇپ تۇرۇۋاتقان يۈز مىڭلارچە كىشىگە جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە زۇلۇمىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە يەنىمۇ كۈچلۈك بېسىم قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈشى لازىم».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت