يېزىلاردىكى چوڭ ياشلاردىكى ئاياللارمۇ كەمبەغەللىكتىن قۇتۇلۇش نامىدىكى ئەمگەكلەرگە سېلىنماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019-09-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش خەلقئارا جامائەت ئارىسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتا ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىپ، بېيىش يولىغا باشلاش» نامىدىكى ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەپ قانات يايدۇرماقتىكەن.

شىنخۇا تورىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى سۈرەتلىك خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى ئاتالمىش «نامرات دېھقانلار» نىڭ نوپۇسى خىتاي دۆلىتى «ئېغىر دەرىجىدىكى نامرات رايونلار» دەپ بېكىتكەن ئۈچ ۋىلايەت ئۈچ ئوبلاستتىكى نامرات نوپۇسنىڭ يېرىمىغا يېقىنلاشقان. خەۋەردە بۇ جايلار ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىش» تىكى «مۇستەھكەم ئىستىھكام ئۇرۇشى» نىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر سۈرەتلىك خەۋەردە يېشى تەخمىنەن 60 لاردىن ھالقىغان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ يالاڭۋاش ھالەتتە، ئىش كىيىمى كىيگەن ھالدا ياڭاقلارنى ئىلغاۋاتقان كۆرۈنۈشى دىققەتنى قوزغىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىسىدە ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى بېشىغا ياغلىق ئارتىدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن مەزكۇر چوڭ ياشتىكى يېزا ئاياللىرىنىڭ «بېيىش» نامىدا مەجبۇرىي ۋە تەشكىللىك شەكىلدە ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇيغۇر ئاياللىرى، بولۇپمۇ چوڭ ياشتىكى ئۇيغۇر ئاياللار ۋە مومايلار بىردەك ياغلىق ئارتىش ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىدى.

خەۋەردە يەنە خوتەن شەھىرى كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىدا «تەربىيەلەنگەنلىكى» شۇ ئارقىلىق كېيىن، بۇرۇنقى نامرات تۇرمۇشىدىن قۇتۇلغانلىقى ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتۈلگەن.

ئۆتكەن مەزگىلدە «زىمىستان» تورى بىر خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ھۈنەر ئۆگىنىپ ئەمگەك قىلىشى» نىڭ ئىچ سىرىنى پاش قىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا يانداش سېلىنغان زاۋۇتلاردا «ئۆزگەرتىش» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە زاۋۇت ئىشچىلىرى ئورنىدا ھەقسىز ياكى تۆۋەن كىرىمدە ئەمگەك قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت