خىتاي دائىرىلىرى كېرىيە ناھىيەسىدىكى قەدىمىي يۇرت‏-دەريا بويى يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى قەدىمىي يۇرت‏-دەريا بويى يېزىسىنى كۆچۈرۈشكە باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 1980‏-يىللىرى تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ بايقالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىپ، ئەسىرلەردىن بېرى كېرىيەنىڭ 270 كىلومېتىر شىمالىدىكى بۇ يېزىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «ئىپتىدائىي ئىنسانلار» دەپ خاتا ئۇچۇر تارقاتقان. شۇنىڭدىن بېرى مەزكۇر يېزا ساياھەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 12‏-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر يېزىدىكى ئاھالىلەر باشقا جايغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن. خەۋەردە، يېزا ئاھالىسىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە 90 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر جايغا كۆچۈرۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جاينىڭ ئىسمى، كونكرېت قەيەرگە توغرا كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يېڭى ماكاندا قانداق تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. چارۋىچىلىق دەريا بويى خەلقىنىڭ ئاساسلىق تىرىكچىلىك شەكلى ئىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچۈرۈش پىلانى «مۇھىتنى قوغداش، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈپ، مەجبۇرىي ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ نامراتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دەريا بويى» دىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈشى ئۇنىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش ۋە «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قاماپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، كۆچۈرۈش پىلانى بۇ يىل 8‏-ئايدا باشلانغان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە 286 تۈتۈن، 1321 نوپۇسلۇق مەزكۇر يېزىدىكى 102 ئائىلە كۆچۈرۈلۈپ بولۇنغان. خىتاينىڭ پىلانى قالغان ئاھالىلەرنى 2020‏-يىلغىچە پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ بولۇشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت