ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەشمىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خىتايدىن ئۈلگە ئېلىشنى ئىستىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇزۇندىن بۇيان ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى كەشمىر مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا ھىندىستاننىڭ بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۈلگە قىلىشقا قىزىقىپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. CNN نىڭ ئانالىزچىسى جېيمىس گرىففىس ئىمزاسىدا 8-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى بىلەن كەشمىر نۇرغۇن جەھەتتە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بىرىنچىدىن، ھەر ئىككىسى مۇستەقىللىقنى ئىستەۋاتقان رايونلار ئىكەن؛ ئىككىنچىدىن، ھەر ئىككى رايوندىكى ئاساسلىق ئاھالە مۇسۇلمانلار ئىكەن؛ ئۈچىنچىسى، ھەر ئىككى رايوننىڭ كونتروللۇق ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار بىردەك يەرلىك بىلەن ھېچقانداق ئورتاقلىقى يوق «كاپىر» ھۆكۈمەت بولۇپ، شۇ جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ھەرقاچان ئۆزلىرىنى «بارغانسېرى ئېغىر بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز» دەپ ھېس قىلماقتا ئىكەن. 

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلاندۇرۇلۇشى، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز سانلىققا ئايلىنىشى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يېقىندا مەلۇم بولغان ئىككى مىليونچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدەك قاباھەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى قىزىقتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تىنجىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە بۇ جايغا مىڭلىغان خىتاي ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ بۇ خىلدىكى «مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە» نى كەشمىر رايونىغا تەدبىقلاشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت