ئۇيغۇر رايونىدا 25 «كىچىك گىگانت» كارخانىسى كۆپەيگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ 2020-يىللىق «كىچىك گىگانت» كارخانا بولۇپ باھالىنىشىنىڭ نەتىجىسى 10-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا 25 كارخانا تاللانغان؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنىڭ سانى 45 كە يەتكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنىڭ «مەخسۇسلاشقان بولۇش، نەپىس بولۇش، ئالاھىدە بولۇش، يېڭى بولۇش» تەك 4 ئۆلچىمى بولۇپ، بازار ئەھۋالىنى ئىنچىكە كۆزىتىدىغان بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش، مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، ھالقىلىق تېخنىكىلارنى ئىگىلىگەن بولۇش، سۈپەت ۋە ئۈنۈم جەھەتتە باشقا كارخانىلارنىڭ باشلامچىسى بولۇش دېگەندەك شەرتلەرنى ئورۇنلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇيغۇر رايونىدا 2019-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇنداق ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلار 378 گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «كىچىك گىگانت» كارخانىلاردىن 20 سى تاللىنىپ چىققان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى يولغا قويۇشتا ئۇيغۇر رايونىنى مۇھىم خام ئەشيا ۋە سانائەت بازىسى قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا چوڭ-كىچىك كارخانىلارنى كۆپلەپ قۇرغان؛ بۇ جەرياندا ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈش، زاۋۇتلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە سىياسىي باستۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىپ، ئارقىدىن ئۇلارنى زاۋۇت، كارخانىلاردا قۇل قىلىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زاۋۇت، كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈش بەدىلىگە كەلگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت