ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى نەۋىي پىلاي ئىسرائىلىيەنىڭ گازاغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى. بىراق نەۋىي پىلاي ئوخشاشلا خاماسنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان قارا-قويۇق راكېتا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

ئىسرائىلىيە 8‏-ئىيۇل گازاغا ھەربىي ھەرىكەت باشلاپ، خاماسنىڭ ئىسرائىلىيە تۇپراقلىرىغا قاراتقان راكېتا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتى باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر 639 نەپەر پەلەستىنلىك، 31 نەپەر  ئىسرائىلىيەلىك ئۆلگەن. نەۋىي پىلاي چارشەنبە كۈنى: «قارىغاندا، خاراكتېرى ئۇرۇش جىنايىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەندەك قىلىدۇ» دېگەن.

بىراق ئىسرائىلىيە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىش بىلەن تەنقىد قىلدى.

ئىسرائىلىيە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئىسرائىلىيە قارشى پوزىتسىيىدىكى دۆلەتلەر كۆپ سانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇڭا، ئۇنىڭ ئىزچىل ئىسرائىلىيەگە قارشى بىر تەرەپلىمىلىك قارار چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

تولۇق بەت