پرېزىدېنت ترامپ كىم جۇڭئۇن بىلەن ئۇچرىشىشنى بىكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-05-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ پەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان ئۇچرىشىشىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پرېزىدېنت ترامپ مەزكۇر قارارىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندە شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئوچۇق-ئاشكارا ئۆچمەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋە «بۇنداق بىر شارائىتتا مەن شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇزۇندىن بېرى پىلان قىلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزۈشنى توغرا، دەپ قارىمايمەن» دېگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن 12-ئىيۇن سىنگاپوردا ئۇچرىشىدىغانلىقى جاكارلانغان. ئەگەر مەزكۇر ئۇچرىشىش ئەمەلگە ئاشقان بولسا، بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇش بىلەن بىرگە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ يارقىن دىپلوماتىك ئۇتۇقلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارالغان ئىدى.

پرېزىدېنت ترامپ بۈگۈن ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «شىمالىي كورېيەنىڭ ھەرقانداق بىر ئەخمىقانە ھەرىكىتىگە قارشى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەدبىر قوللىنىشقا تەييارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ سۆزىدە يەنە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت ترامپنىڭ قارارىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇنجائىن دەرھال دۆلەت ئەربابلىرىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرغان. ئۇ ئاخباراتقا قىلغان باياناتىدا ئۆزىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ يىغىننى بىكار قىلىشىغا شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىندا ئامېرىكىنى ئۇچرىشىشنى قايتا ئويلىشىپ بېقىش بىلەن تەھدىت قىلىشى ۋە شۇنداقلا «ئامېرىكا بىز بىلەن يا يىغىن زالىدا كۆرۈشۈشكە يا، يادرو ئۇرۇشىدا تۇتۇشۇشقا قارار قىلىشى كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى قىلىشى سەۋەب بولغان ئىكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالىي كورېيە تەرەپنىڭ يىغىن ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ۋاقتىدا جاۋاب بەرمەسلىكىمۇ ئاقساراينىڭ ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتكەن. پرېزىدېنت ترامپ كىم جۇڭئۇنغا يازغان خېتىدە «پۈتۈن دۇنيا، بولۇپمۇ شىمالىي كورېيە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە پاراغەت ئۈچۈن كەلگەن زور بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت