كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سىناققا دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-03-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2022‏-يىلدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭغا بېرىش-بەرمەسلىك مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇق سىنىقىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئورگاننىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ نىزامنامىسىدە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت، ئاخبارات ئەركىنلىكى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ 2008‏-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ۋە 2014‏-يىلى سۇچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە بۇ نىزامغا ئەمەل قىلمىغان. بېيجىڭ ۋە سوچى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىپخانى بولغان خىتاي بىلەن رۇسىيە مۇسابىقىدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر باياناتنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن مەزگىلدە ئېلان قىلدى. بېيجىڭ 2022‏-يىلدىكى خەلقئارا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئىلتىماس قىلغان.

لېكىن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى دوكتور سوفىيە رىچاردسوننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، خەلقئارا كېلىشىم ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوللاشقا ۋە قوغداشقا ۋەدە قىلغان، بىراق ئۇ، دەپسەندىچىلىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالمىغان.

ئۇ 2008‏-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىراق باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. سوفىيە رىچارسون يەنە، خىتاينىڭ ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بىلەن ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يېڭى ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشى ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا «2020‏-يىللىق ئولىمپىك نىشانى»نى ئېلان قىلىپ، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك ھوقۇقى ۋە مۇھىتنى قوغداشقا ئالاقىدار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت