ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان خىتاي ئەمەلدارلار چوقۇم جازالىنىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازالىنىش تەشەببۇسى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بىر مەزگىلدە 25-ئىيۇن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە بىر بايانات ئېلان قىلدى.

25-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر تەشكىلات ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى خورلاشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى چوقۇم جازالىنىشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك باياناتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان «خىتاي جىنايەتچىلەر» گە «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى تەتبىقلاشقا چاقىرغان.

باياناتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىشى ھەققىدە تولۇق دەلىل-ئىسپاتلار بار. لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ شۇ يەردە ئۆلگەنلەر ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى شۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ‹يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى› نىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى نىشان قىلىشى بىر ئەمەلىي ئىش بولۇپلا قالماي، كەلگۈسىدە پەيدا بولماقچى بولغان مۇشۇنداق جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر سىگنال بولالايدۇ.»

باياناتتا يەنە يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان دوكلاتلاردىن جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ جىسمانىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئىزچىل خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن بەش ئاي داۋالىنىشتىن مەھرۇم قالغانلىقى، لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ بىر ئايدىن كېيىن جان ئۈزگەنلىكى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرىنىڭ باش «لايىھەلىگۈچىسى» بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئامېرىكىغا ۋىزا ئېلىپ كىرىشىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئۇنىڭ چەتئەلدىكى مال-مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىلىشى كېرەكلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت