خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلار بىرلەشمە باياناتىدا خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-06-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلار بىرلەشمە باياناتىدا خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

30-ئىيۇن كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدىراتسىيەسى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنى تەنقىدلىدى.

باياناتتا، خىتاينىڭ تېررورنى باھانە قىلىپ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىپ،«ھەتتا كىشىلەرنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە مىللىي سىياسىتىگە تىنچ يول ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگۈچىلەرمۇ تېررورلۇق قالپىقى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ باستۇرۇلۇۋاتىدۇ» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى «دىنىي رادىكاللىق» دەپ چەكلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى «تېررورلۇق ھەرىكەت»دەپ قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىشى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت