كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقماسلىققا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 29-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىردى. باياناتتا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە خوڭكوڭ دائىرىلىرى تىنچ نارازىلىق ھەرىكىتى ۋە تىنچلىق بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەشنىڭ باشقا شەكىللىرىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك، دېگەن.

مەزكۇر بايانات خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خوڭكوڭ مەمۇرى ئەمەلدارىنى ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلاش توغرىسىدىكى قانۇن تەكلىپىگە چۈشەنچە بېرىش ھارپىسىدا ئېلان قىلىندى. خوڭكوڭ ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 31‏-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنىدىغان رەسمىي قارارىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ياقتۇرمىغان ھەرقانداق نامزاتنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى مەنئى قىلىنغان. خەۋەرلەردە، بۇ قارار رەسمىي ئېلان قىلىنسا، خوڭكوڭدا زور كۆلەملىك نارازىلىق قوزغايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىيە رېچاردسون، بۇنىڭ خوڭكوڭدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. بۇ خاتالىق خەلقنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى تىنچ ئىپادىلىشىنى توسىدىغان ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، دېگەن.

خوڭكوڭ خەلقى بۇ يىل 1‏-ئىيۇل بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ تۈپ قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ، خوڭكوڭ مەمۇرى ئەمەلدارىنى 2017‏-يىلى ئومۇمى خەلق بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەركىن سايلاپ چىقىشقا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ مەمۇرى باشلىقىنى ئومۇمى سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىشنى ئىزچىل كېچىكتۈرۈپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت