ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالغا «كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم» دەپ جاۋاب بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيۇ گۇتېرەس گېرمانىيەدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇتېرەس گېرمانىيەدە تور قۇرۇلۇشى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ مۇخبىرى ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئىنكاسىنى سورىغان.

ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دۆلەت سىياسىتى چوقۇم ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكىدەك ئالاھىدە ئەھۋاللاردا تېخىمۇ مۇھىم. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ شۇنداق.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيۇ گۇتېرەس ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمەسلىك بىلەن تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان شەخس ئىدى. بۇ يىل سېنتەبىردە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى، قانۇنشۇناسلار كېڭىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە گۇتېرېسقا خەت يېزىپ، ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېرلىرىغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرغان شۇنداقلا ئۇنىڭ تا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ھالبۇكى، گۇتېرېس تەنقىدلەرنى قاتتىق رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا خىتايغا قىلغان زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت