كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى

2014-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىردى. چارشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى رەسمىي ھالدا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ «ئاساسسىز» ئەيىبنامىسىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار، ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىيەت قاتتىق كەسكىن بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىشى ئۇيغۇرلارغا سەلبىي سېگنال بېرىدۇ، دەپ ئەسكەرتتى.

بۈگۈن يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىدىكى پوزىتسيىسىنى ئەيىبلىدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەرھال بۇ خاتا قەدىمىدىن قايتىشقا چاقىردى. دىلشات رىشىت، ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى پۈتۈنلەي سىياسىي بىر قارار، ئۇ ھېچقانداق بىر قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، دېدى.

ئىلھام توختى مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىىسم كۆزەتكۈچىلەر ئۆز مۇلاھىزىلىرىدە ئىلھام توختىنىڭ بىردىن - بىر جىنايىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەينەككە قاراپ بېقىشقا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسون باياناتىدا، ئىلھام توختىغا ئوخشاش تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىپ كەلگەن بىر كىشىنى جىمىقتۇرۇش ھەرگىزمۇ رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كەلمەيدۇ، دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت