برېت ستېفېنس: «كوممۇنىزم ئۈمىدىگە ئالدانماسلىقىمىز لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-10-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيادىكى كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ جەڭگاھلىرىدىن بولغان رۇسىيەدە سوتسىيالىزم ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» پارتلىغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسىدە ئامېرىكىدىكى «نيۇ يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى پرېت ستېفېنس ماقالە ئېلان قىلىپ، تېخىچە كوممۇنىزم غايىسىگە مەستخۇش بولۇپ يۈرگەنلەرنى ئويغىنىشقا چاقىردى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ستالىن دەۋرىدىن باشلاپ كوممۇنىستىك تۈزۈم ئاستىدا مىليونلىغان كىشىلەر «تازىلانغان»، قىرىم تاتارلىرى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، برېجنېۋ دەۋرىدە بولسا سانسىزلىغان ئۆكتىچىلەر قىيناقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان. خىتايدىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش نەتىجە كۆرۈلگەن. ئەمما بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىنى دائىرىلەر «ئاچارچىلىق» نىڭ نەتىجىسىگە دۆڭگەپ قۇتۇلغان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، كۆپلىگەن كىشىلەر ھېلىھەم كوممۇنىزم بىلەن ناتسىستلىقنىڭ بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرماقتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ پىكرىچە كوممۇنىزمدا سىنىپىي ئۆچمەنلىك تەكىتلەنسە، ناتسىستلىقتا ئىرقىي ئۆچمەنلىك مۇھىم ئورۇن تۇتىدىكەن. ئۇلار شۇ ئارقىلىق كوممۇنىزم دۇنياسىدىكى زۇلۇم ۋە زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنى ئاقلاش مەۋقەسىدە ئىكەن.

ئاپتور ئۆزىنىڭ بۇ خىل قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھېلىھەم زور ساندىكى زىيالىيلار ۋە سىياسىيونلارنىڭ ئاشۇ خىلدىكى كوممۇنىزم تېررورلۇقى ۋە ھاكىممۇتلەقلىقىگە ھەۋەس قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى بۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن زور بالا-قازا بولۇش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاپتور ئاخىرىدا يەرشارى ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى قۇل قىلغان ھەمدە شۇ ئىنسانلارنى چەكسىز ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا قىلغان كوممۇنىزم دۇنياسىنىڭ ئۇرۇشسىز گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىنىڭ بۇ تۈزۈمنى ئەيىبلەشتىن داجىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئاشۇ تۈزۈمنىڭ قۇربانلىرىغا ھېسداشلىق قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت