شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ئارخىپىدا تەسىس قىلىنغان «كۈرەش كۆسەن يىغمىلىرى» مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ 10 - يىلىدا قايتىدىن دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


كۈرەش كۆسەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 47 يىللىق قىسقىغىنە ھاياتىدا بىر تەرەپتىن جاراڭلىق ئاۋازى ۋە ئىجادىي ناخشا - مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەن دەۋاسى يولىدىكى ھارماس كۈرەشلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس - ئەتتۈردى.

كۈرەش كۆسەن 2006 - يىلى شىۋېتسىيەدە 47 يېشىدا ئالەمدىن كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان كۈرەش روھى ۋە سەنئەت بىلەن جۇلالانغان ياڭراق ئاۋازى ھېلىھەم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىسىدە ياشاپ كەلمەكتە.

كۈرەش كۆسەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مول مەزمۇنلۇق شەخسىي يىغمىلىرى - مۇزىكا ئەسەرلىرى، ناخشا پىلاستىنكىلىرى، ئۆمۈر بويى يىغقان ھەر خىل تىللاردىكى كىتاب - ماتېرىياللىرى، شەخسىي خاتىرە ۋە خەت - چەكلىرى شۇنداقلا ئۆزى ئىشلەتكەن مۇزىكا ئەسۋابلىرى شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ئارخىپى تەرىپىدىن رەتلىنىپ، «كۈرەش كۆسەن يىغمىلىرى» نامىدا ساقلانغان.

«كۈرەش كۆسەن يىغمىلىرى» شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ئارخىپىدىن ئورۇن ئالغان تۇنجى ئۇيغۇرنىڭ شەخسىي ئارخىپ ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. ھازىر ھەرقانداق بىر كىشى بۇ ئارخىپتىن كۈرەش كۆسەننىڭ شەخسىي ھاياتى، مۇزىكا ئىجادىيىتى ۋە ئۇنىڭ شىۋېتسىيەدە ئېلىپ بارغان ۋەتەن دەۋاسى يولىدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىگە دائىر ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ شەخسىي ماتېرىياللىرى 2008 - يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ئارخىپىغا تەقدىم قىلىنغان ئىكەن. بۇ ماتېرىياللار مەزكۇر ئارخىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن پاترىك خەلزوننىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىسىدا 2009 - يىلى رەتلىنىپ چىقىلغان. ھازىر شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ئارخىپىنىڭ تور بەتىدىن «كۈرەش كۆسەن يىغمىلىرى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ئارخىپ ماتېرىيالىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، كۈرەش كۆسەن ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ نامىدىكى بۇ ئارخىپ ماتېرىياللىرى قايتا تولۇقلانغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ زىيارەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت