جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرى پانمۇنجۇمدا ئۇچرىشىپ، ئۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-04-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

27‏-ئاپرېل جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇن جېئىن بىلەن شىمالى كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن پانمۇنجۇمدىكى تىنچلىق سارىيىدا ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ بىر شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي كورېيە زېمىنىغا كىرىشى ۋە جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى بىلەن تارىخىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىدۇر.

كىم جۇڭئۇن جۈمە كۈنى ئەتىگەن دەل سائەت 9:30 دا پانمۇنجۇم ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى-38‏-پاراللىلغا يېتىپ كېلىپ، چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇن جېئىن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا چېگرا سىزىقىدىن ئۆتۈپ جەنۇبىي كورېيەگە كىردى. مۇن جېئىن پانمۇنجۇمدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، كىم جۇڭئۇننى كۈتۈۋالدى.

ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىن كېيىن «پانمۇنجۇم خىتابنامىسى» غا ئىمزا قويۇپ، بۇ يىل ئىچىدە ئۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقى، تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئامېرىكا ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپ سۆھبىتىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقى، ھەر ئىككى تەرەپ دۈشمەنلىشىشكە خاتىمە بېرىدىغانلىقى، ئاخىرقى نىشانىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى پۈتۈنلەي يادروسىزلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن، ھەر ئىككى تەرەپ يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىنى كونكرېت قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى، ئەمما سۆھبەتنىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1953‏-يىلى كورېيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن بېرى سېئول بىلەن پىيوڭياڭ ئىزچىل ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلگەن. بۇ ھالەت يېقىنقى ئايلاردا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، ئۇرۇش پارتلاش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت