كورېيە ئۇرۇشى پارتلىسا كۆپ ساندا ئادەم قىرىلىپ كېتىش ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىمالىي كورېيە كرىزىسى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئەگەر كورېيە ئۇرۇشى پارتلىسا، ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولىدىغانلىقى، بولۇپمۇ زور ساندا ئىنساننىڭ قىرغىنغا ئۇچرايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات ئورنى 62 بەتلىك بىر دوكلات تەييارلاپ، دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئەگەر كورېيە ئۇرۇشى پارتلاپ قالسا، ھېچقانداق يادرو قورالى ئىشلىتىلمەي تۇرۇپمۇ كۆپ ساندا ئادەم قىرىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، شىمالىي كورېيە جەنۇبى كورېيە تەرەپنىڭ چېگرا رايونلىرى ۋە پايتەخت سېئۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلارغا قارىتا زور ساندا توپچى قىسىم ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر زەمبىرەكلەردىن بىر مىنۇت ئىچىدە ئون مىڭ پاي ئوق ئېتىلىشى، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇرۇش باشلىنىش بىلەن تەڭلا كەم دېگەندەك 30 مىڭدىن 300 مىڭغىچە ئادەم ئۆلۈشى مۇمكىن ئىكەن،

دوكلاتتا يەنە ئەگەر بۇ ئۇرۇش كېڭىيىپ كەتسە، ئۇنىڭغا خىتاي، رۇسىيە ۋە ياپونىيەنىڭمۇ كىرىشى، شۇنىڭدەك يەنە شىمالىي كورېيە ئۆزىنىڭ يادرو ۋە خىمىيىلىك قوراللىرىنى ئىشلىتىشى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ قىرىلىشى كېلىپ چىقىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 

شىمالىي كورېيە ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ يادرو پىلانى ۋە يادرو سىناقلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن بولۇپ، 20-ئۆكتەبىر كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ بىر ئەمەلدارى موسكۋادا ئېچىلغان يادرو قوراللىرى مەسىلىسىگە ئائىت يىغىندا يادرو قورالىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ «ھايات-ماماتى ۋە مەۋجۇتلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن يادرو قورالى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. 

شەنبە كۈنى سېئۇلدا جەنۇبى كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سوڭ يوڭمو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمىس مېتتىس ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت