كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيلىك كۈچەيدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پەيشەنبە كۈنى راداردا كۆرۈنمەيدىغان بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى جەنۇبىي كورىيە ئاسمىنىدا ئۇچۇرغاندىن كېيىن، بۈگۈن شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئامېرىكىغا ئائىت نىشانلارغا زەربە بېرىشكە تەييار قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

بۈگۈن شۇنداقلا شىمالىي كورىيىدە كىم سۇڭئۇن مەيدانىدا ئون مىڭلارچە كىشى ئامېرىكىغا قارشى نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار ئىشچى، ئەسكەر ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋرۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيلىكنىڭ كونترول قىلغۇسىز ھالغا كەپ قالماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، كىم جۇڭئۇن يېرىم كېچىدە گېنېراللىرى بىلەن جىددىي يىغىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ھۇجۇمغا تەييارلاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. ئۇنىڭ يىغىندا ئامېرىكا ئىمپېرىيالىستلىرى بىلەن ھېسابلىشىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى چاك خاگېل شىمالىي كورىيىگە خەتەرلىك قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك، دېدى. شىمالىي كورىيىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى خىتاي بۈگۈنكى باياناتىدا تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت