خىتاي، شىمالىي كورېيە تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيە تور سىستېمىسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا قاتناشقانلىقىنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگو ھەرقانداق تور ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدۇ، دېگەن.

شىمالىي كورېيەلىك تور بۇزارلار ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا سونىي فىلىم شىركىتىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن ھەققىدىكى «زىيارەت» ناملىق ھەجۋىي فىلىمى بازارغا سېلىنسا، ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇنىڭ بىلەن سونىي شىركىتى «زىيارەت»ناملىق فىلىمنى بازارغا سېلىشتىن ۋاقىتلىق ۋاز كەچكەن ئىدى.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى تور ھۇجۇمىدا قولى بارلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىغان. پرېزىدېنت ئوباما، ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا پيوڭياڭ ھۆكۈمىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا «تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغان.

دۈشەنبە كۈنى، شىمالىي كورېيە تور سىستېمىسى 9 سائەت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شىمالىي كورېيە تورى چەتئەلگە ئۇلىنىشتا خىتاي تور مۇلازىمېتورىنى قوللانغاچقا، بۇ، خىتاي شىمالىي كورېيە تورىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا قاتناشتىمۇ-قانداق، دېگەن گۇمان پەيدا قىلغان.

سونىي فىلىم شىركىتى چارشەنبە كۈنى «زىيارەت» ناملىق ھەجۋىي فىلىمنى يۇتۇب ۋە باشقا تور قاناللىرىدا تارقاتتى.

تولۇق بەت