خىتاي كورلا بىلەن ئون چوڭ شەھەر ئارىسىدا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى يولغا قويىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبى ئارىسىدىكى بىۋاسىتە قاتناش ئالاقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن بىر قىسىم خىتاي چوڭ شەھەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ھاۋا قاتنىشىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىش قەدەملىرىنى بېسىلماقتا.

«بايىنغولىن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قىش مەزگىلىدىن باشلاپ، كورلا بىلەن خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ، چوڭچىڭ، نەنجىڭ، جېڭجۇ، تيەنجىن، خاڭجۇ، شىئەن قاتارلىق 10 چوڭ شەھىرى ئارىسىدا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلىدىكەن ۋە تەرتىپكە سېلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن كورلا ئايرودرومىنىڭ قونۇش-ئۇچۇش يوللىرى، ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن. 

ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە پاكىستاننىڭ گاۋادار پورتى بىلەن تۇتىشىدىغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنىڭ تاش يول، تۆمۈر يول ۋە ھاۋا يوللىرى قاتنىشى ئىشلىرىغا زور مەبلەغ سېلىپ، بۇ رايونلار بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنىڭ قاتناش ئالاقىسىنى ياخشىلاشقا تىرىشماقتا. ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ھىندى ئوكيان رايونىغا چىقىدىغان ۋە ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپا بىلەن سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆتكەلگە ئايلانغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئاھالىسىنىڭ كېلىپ ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مۇتەخەسسىسنىڭ ئېيتىشىچە، كورلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم شەھەر بولۇپ، ئەسلىدە ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان مەزكۇر شەھەر يېقىنقى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان جەنۇبى رايونلاردىكى ئەڭ چوڭ سانائەت، ئېنېرگىيە شىركەتلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ۋە باشقا ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلار جايلاشقان، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاھالىسى خىتايلاردىن تەركىب تاپقان شەھەرگە ئايلاندۇرۇلغان.

تولۇق بەت