خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر رايونىدا كورلا شەھىرىنىڭ نوپۇسى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنى باشلانغان يېقىنقى 3 يىل مابەينىدە كورلا شەھىرىنىڭ نوپۇسى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن.

ئەنگلىيە «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رايوندىكى قاتتىق باستۇرۇش نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قايتىپ كېتىشى شۇنداقلا يەرلىك ئىقتىسادنىڭ قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كورلا شەھىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 2 چوڭ شەھەر بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا بۇ جاي خىتايدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز شىركەتلىرىنىڭ ئاساسلىق بازىسىغا ئايلانغان ئىدى.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدىكى باستۇرۇشىدا كورلا شەھىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ يېرىمى ئازىيىپ، بۇرۇنقى500-600مىڭغىچە بولغان شەھەر نوپۇسى ھازىرقى200-300 مىڭغىچە بولغان سانغا چۈشۈپ قالغان. خەۋەردە كورلا شەھىرىدىن ئايرىلغان بۇ نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي نېفىت شىركىتى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسىنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن بۇ رايونغا كەلگەن خىتاي كۆچمەن پۇقرالىرى ئىكەن. لېكىن خەۋەردە شەھەر نوپۇسىنىڭ يېرىمىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدە لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن يەرلىك ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى شۇنداقلا بۇنىڭدا دائىملىق ياكى ئاقما نوپۇسنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقى ئېنىق تەكىتلەنمىگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كورلا شەھىرىدە 400 مىڭ ئاقما نوپۇس ياشايدىكەن. «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىشى، رايوندىكى نۇرغۇن جايلارنى ئادەمسىز «ئېزىتقۇ شەھەرلەر» گە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى، بۇنىڭ يەرلىك ئىقتىسادقا قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 2016‏-يىلدىن بېرى كورلا شەھىرى جايلاشقان بايىنغولىن ئوبلاستىدا مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 78. 4 مىليارد دوللار، ئۆي-مۈلۈك تەرەققىياتى 734 مىليون دوللار ئازايغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت