كورلىدا 60 توننا ساختا تۇز بايقالغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


يېقىندا كورلىدا 60 توننا ساختا تۇز ئاشكارىلاندى. خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 19 - دېكابىر كۈنى كورلىنىڭ لەنگەر يېزىسىدىن تېپىلغان 60 توننا ساختا تۇزنىڭ 1996 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاشكارىلانغان ئەڭ كۆپ مىقتاردىكى ساختا تۇز ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، 60 توننا ساختا تۇز ئەسلى سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان تۇز بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۇز قاچىلانغان خالتىلارغا «يىمەكلىك تۇزى» دېگەن خەتلەر بېسىلغان. مەھسۇلات ئىگىسى قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغان. خىتاي خەۋەرلىرىدە ساختا تۇزنى ئىشىلىگەن شىركەت ۋە خوجايىنننىڭ كىملىكى تىلغا ئېلىنمىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ساختا مەھسۇلات ئىشلەش ئەھۋالى ئەۋج ئالغان، بولۇپمۇ يىمەكلىك ساھەسىدە بۇ ئەھۋال ئېغىر بولۇپ، خىتايدا ئىشلەنگەن «زەھەرلىك سۈت پاراشوكى»، «يۇندىدىن ئىشلەنگەن يىمەكلىك يېغى»، «ساختا گۆش مەھسۇلاتلىرى» قاتارلىقلار خىتاي پۇقرالىرىدا يىمەكلىكلەر بىخەتەرلىكىگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىپ، نارازىلىقنى كۈچەيتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت