ئاۋسترالىيەنىڭ بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتىدىن كورونا ۋىرۇسى سىناق ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىشى سوئال پەيدا قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيەنىڭ بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتىدىن كورونا ۋىرۇسى سىناق ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىشى بىمارلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە بۇ ئورگاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى گېن تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشىغا ياردەملەشكەنلىكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە سوئال پەيدا قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەلىك بەزى مۇتەخەسسىسلەر BGI غا ئالاقىدار «زور ئەخلاقى مەسىلىلەر» نىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاۋسترالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتىدىن 10 مىليون دوللارلىق كورونا ۋىرۇسى سىناق ئەسۋابى سېتىۋالغان ئىدى.

ئاۋسترالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گرېگ ھۇنت بۇ ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشنى ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تەستىقلىغانلىقى، «BGI نىڭ بىمار ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، بۇ ئەسۋابلارنىڭ تەجرىبىخانىلاردا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. لېكىن رويتېرسنىڭ خەۋەرىدە مەزكۇر ئورۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى گېن تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشىغا ياردەملەشكەنلىكى ھەققىدە ئەندىشىلەر بارلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

BGI دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گېن ئامبىرىغا ئىگە بولۇپ، بۇ شىركەت خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ 2016-يىلى ئۇيغۇر DNA ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىغا ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، ئاۋسترالىيە لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى جېيمىس لەيبولد «BGI غا چېتىشلىق سانلىق ئۇچۇر مەخپىيەتلىكى ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گېن سانلىق ئامبىرىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا تېخنىكىلىق ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ئەخلاقى مەسىلىلەر بار،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت