كوسوۋو، مۇستەقىللىقىنىڭ 5 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كوسوۋو، تۈنۈگۈن يەنى 17-فېۋرال كۈنى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ سېربىيىدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

كوسوۋو خەلقىنىڭ قىزغىن تەنتەنىسى ئىچىدە داغدۇغىلىق داۋام قىلغان مۇراسىمدا كوسوۋو ئارمىيىسى پاراتتىن ئۆتكۈزۈلدى.

ھەربىي پاراتقا يەنە كوسوۋونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئالاھىدە قىسمىمۇ قاتناشتۇرۇلدى. خاتىرىلەش مۇراسىمىغا مىسىرنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، مىسىرنىڭ كوسوۋو مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن كوسوۋو مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 97 گە يەتتى.

كوسوۋو مۇستەقىللىق كۈرىشى كەسكىنلەشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، كوسوۋونىڭ نۆۋەتتىكى باش مىنىستىرى ھاشىم تاچى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى كوسوۋو ئازادلىق تەشكىلاتى ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. كېيىنكى چاغدا كوسوۋو خەلقىنىڭ تەۋرەنمەس مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسى ۋە سېربىيىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تونۇپ يەتكەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ھاشىم تاچى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىنى تېررورچىلار تىزىملىكىدىن ئۆچۈرگەن.

ناتو قىسىملىرى ۋەزىيەتكە ئارىلىشىپ، كوسوۋو مۇستەقىللىقىدا مۇھىم رول ئوينىغان. كوسوۋو ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتاينىڭ سېربىيىدىكى ئەلچىخانىسى بومباردىمانغا ئۇچراپ، بىرقانچە خادىمى جان ئۈزگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت