«ۋول ستېرېت ژۇرنىلى»: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى كونترول قىلىش ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش بولغان»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتى 6‏-فېۋرال ئۇيغۇرلار ھەققىدە چوڭ ھەجىملىك خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى كونترول قىلىش ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «خاتالىقنى ئىقرار قىلىش، پۇشمان بولۇش: خىتاي شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى كونترول قىلىش ھەركىتىنى ئۆزگەرتكەن» ماۋزۇلۇق مەزكۇر خەۋەرنى بۇ گېزىتنىڭ يېقىندا قەشقەر بىلەن خوتەننى زىيارەت قىلغان ئىككى مۇخبىرى يوللىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىندىن بېرى مەزكۇر رايوندىكى ئاتالمىش بەزى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» بوشىتىلىپ تاقالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئورۇنلاردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلار قاماققا، بىر قىسمى زاۋۇت كارخانىلارغا يۆتكەلگەن. خەۋەردە، «قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ تاقالغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاپتوموبىلدا بىر سائەتتە بارغىلى بولىدىغان جايدىكى قايتا-تەربىيەلەش لاگېرىنىڭ تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىى بىلدۈرۈلگەن. 

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىككى يىل ئاۋۋال يەرلىك ئاھالىلەر بۇ ئورۇننىڭ بىر مەكتەپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم بىر ئامانلىق خادىمى مۇخبىرلارنىڭ يولىنى توسۇپ، بۇ ئورۇننىڭ تۈرمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، بۇ ئىككى لاگېرنىڭ كۆرۈنىشى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. «ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خەلقئارانىڭ دىققىتى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمىدا بەزى ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، ئەمما ھالقىلىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

خەۋەردە يەنە مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت جەريانىدا خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ رايوننى كونترول قىلىشتا يەنە بىر خىل تاكتىكىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنى بۇ رايوندا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇنىڭ تەبئىي بايلىقىنى ئېچىشقا، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىنى ئالغا سۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىۋاتقانلىقى تەكتىلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت