يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا لاگېرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2005-يىلىدىن بۇيان ب د ت ھەر يىلىنىڭ 27-يانۋار كۈنىنى «خەلقئارا قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى مۇشۇ كۈندە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنىڭ پاجىئەسى ئەسلەپ كېلىنمەكتە. بۇ يىلمۇ مۇشۇ خاتىرە كۈننىڭ ئەتىسى، يەنى 28-يانۋار كۈنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق مەكتىپىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلاپ ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىشى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى زور ساندا لاگېرغا قامىشى ھەمدە زىيانكەشلىك قىلىشى: بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى كرىزىسىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش لازىم؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرىي تۈركەل، «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ئېمىلىي راۋخالا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى، بۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە بۇنىڭغا دۇنيانىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئاڭلىتىلىشى خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت