«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدىن خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا پىلانلىق يۆتكىمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئىنگلىز تىلىدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى 3-ماي كۈنى خەۋەر بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭدىكى «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىدىن «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا يۆتكەشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە تەكىتلىشىچە، بۇ پىلاندا ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە سان چۈشۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ پىلان ئۆتكەن يىلى تاماملانغان بولسىمۇ، لېكىن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك كاشىلىغا ئۇچرىغان ئىكەن. خەۋەردە بۇ پىلاننىڭ كېچىكىشى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئىشلىتىشىنى ئاقلىشىغا قارىتا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى كونترول قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى يۆتكەش پىلانى ئەسلىگە كەلگەن. خەۋەردە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى بىرىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ: «گەرچە كېسەللىك ئىقتىساد ۋە ئەمگەك بازىرىغا قاتتىق تەسىر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر پىلاننى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇلار بۇ پىلان شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەشنى مەركەز قىلغان سىياسەتنىڭ مۇۋەپەقىيىتىنى نامايان قىلىدۇ دەپ قارايدۇ،» دېگەن. خەۋەردە تەكىتلىشىچە، مەزكۇر پىلاندا خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرگە سان چۈشۈرۈپ بېرىلگەن.

خەۋەردە شېنجېنغا 50 مىڭ، گۇاڭدۇڭدىكى شاۋگۈەن شەھىرىگە 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە، فۇجىەن ئۆلكىسىگە ئون مىڭلىغان سان چۈشۈرۈپ بېرىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى، بۇ يىل 3-ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسىگە 1560 نەپەر ئۇيغۇر ئىشلەمچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە مەزكۇر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەرقانداق بەدەلگە قارىماي، ھەتتا يۇقۇمغىمۇ قارىماي ھەل قىلىنىشى كېرەك،» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت