ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە خەلقئارادا كۈچلۈك جامائەت پىكرى بولۇۋاتقاندا «ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى» 2019-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن ھارپىسىدا لاگېرلار مەسىلىسىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان مەھبۇسلار ئىسىملىكىدىكى 435 ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەرقايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا، مۇتەللىپ نۇرمەمەت قاتارلىق ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەردىن ئاز دېگەندىمۇ توققۇز كىشىنىڭ مۇشۇنداق لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

باياناتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىدىن ئۆز تىلىدا سۆزلەش، دىنىي بىلىم ئېلىش، چەتئەللەرگە ساياھەت ياكى ئوقۇشقا بېرىش دېگەنلەرنىڭ پۈتۈنلەي مەنئى قىلىنىشى قاتتىق ئەيىبلەنگەن ۋە ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلارنى شەرتسىز توختىتىشقا چاقىرىق قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنى 27-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئالاھىدە مۇھىم تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جوئاننې سىمىس قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملار بۇنى قىزغىن ئالقىشلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت