كانادانىڭ «CBC» قانىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېر تۈزۈمى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادانىڭ «CBC» قانىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېر تۈزۈمى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىلغان. خەۋەردە، كانادادا تۇرۇشلۇق بېلىقىز مۇھەممەدنىڭ ئىنىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن ئۇنىڭ ئىنىسىدىن ئىككى يىلدىن بۇيان خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىدەك بىر ھېكايە ئارقىلىق بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇم ۋە بۇ ۋەيران بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئەھۋالى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

بېلىقىز مۇھەممەدنىڭ «CBC» قانىلىغا بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئىنىسى بۇرۇن تۈركىيە ۋە مالايسىياغا چىققان بولۇپ، ئۇ ئىنىسىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىغا مانا بۇ سەپەرلىرىنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ساياھەتكە چىقىشىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ لاگېرغا قامىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر ئامىل ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت