لاگېرلار مەسىلىسى داۋاملىق خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردىكى ئادەملەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ۋە لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، خەلقئارادا بۇ ھەقتىكى گۇمان ۋە رەددىيەلەر ھەققىدە كۆپلەپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

9-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكادىكى «يەر شارى پوچتىسى» تورىدا ئېلان قىلىنغان رۇنى ستېنبېرگ ئىمزاسىدىكى مەخسۇس ماقالىدا خەلقئارانىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى گۇمانى يەنە بىر قېتىم سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «لاگېرلار تاقالدى» دېگەن مەزمۇندىكى بايانلىرىنىڭ راست-يالغانلىقى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇشۇنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى «داۋاملىق ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان تەدبىر ئەمەسكەن» دەپ تەن ئالغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. چۈنكى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئاخباراتتا يۈزى تۆكۈلۈشى، دىپلوماتىيە جەھەتتە بېسىملار ۋە تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىشى، شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر قاتار پۇتلىكاشاڭلارغا ئۇچرىشى ئاللىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوبدانلا «تەرلەتكەن».

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە «لاگېردىن چىقتى» دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى زاۋۇتلاردىكى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھەق بېرىلمەيدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن. بۇ زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولسا ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان سودىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

ئاپتور ئاخىرىدا لاگېرلار ھەققىدە خەلقئارا دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى قاتتىق قول سىياسىتىنى ئەيىبلەش ھىندىستاننىڭ كەشمىرگە قول تىقىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى قىلمىشلىرى ياكى تۈركىيەنىڭ كۇردلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىدلەش بىلەن تۈپتىن پەرقلىق بولغان ھادىسە» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت