ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىنىڭ پىلانلىغۇچىسىنىڭ جۇ خەيلەن ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

24-نويابىر كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا ئائىت ئاشكارىلانغان يېڭى بىر تۈركۈم مەخپىي ھۆججەتلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۇننىڭ ئىمزاسى بولۇشى دىققەت قوزغىدى.

بۇ ھەقتە ژۇرنالىست بەتتېنىي ئاللېن ئىبراھىمىنىڭ «خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىرى بىرلەشمىسى» تور بېتىدە ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى قۇرۇش، ئۇنى باشقۇرۇش، تۇتقۇنلارنى كونترول قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھالدا نازارەت سىستېمىسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق پىلانلار ھەممىسى جۇ خەيلۇنگە ئائىت ئىكەن.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ لايىھەلەردە ھەتتا تۇتقۇنلارنىڭ ھاجەتخانا ئىشلىتىدىغان ۋاقىتلىرىنى كونترول قىلىش، قانداق شارائىتتا تۇتقۇنلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە ئىجازەت بېرىش، ئۇلارنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قايسى تەلەپلەر ئورۇندالغان بولۇش قاتارلىقلار بىرمۇ-بىر شەرھلەنگەن ئىكەن. كۆرسەتمىدە يەنە، تۇتقۇنلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش يوليورۇقى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تۇتقۇنلارنىڭ دەرس ۋاقتى، تاماق، ھاجەت، تازىلىق ۋاقتى ۋە داۋالىنىش ۋە تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقىتلىرىدا قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر بېكىتىپ بېرىلگەن، تۇتقۇنلارنى ئادەتتە «كېسەللىك ۋە باشقا ئالاھىدە سەۋەبلەر بولماي تۇرۇپ» قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى دېيىلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، لاگېرلارنى ئىدارە قىلىشقا ئائىت ئىنچىكە ھازىرلانغان بۇ ھۆججەتلەردىن جۇ خەيلۇننىڭ بۇ لاگېرلارنى پىلانلاشتا ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى مەلۇم بولغان. بىراق جۇ خەيلۇن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

جۇ خەيلۇن ئەسلى جىياڭسۇ ئۆلكىسىدىن بولۇپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى سەۋەبىدىن بالىلىق مەزگىلىدىلا قاغىلىق ناھىيەسىگە كەلگەن ۋە قاغىلىق ناھىيەسىگە يەرلىشىپ قالغان ئىكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، ئۇنى يېقىندىن بىلىدىغان ۋە ئىستانبۇلدا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن، جۇ خەيلۇننىڭ ئۇيغۇرچىنى خۇددى بىر ئۇيغۇردەكلا سۆزلەيدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى، ئىنتايىن ھىيلىگەر ۋە زالىملىقى بىلەن تونۇلغان جۇ خەيلۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئادىمى بولۇپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان. ئۇ 2016-يىلى چېن چۆەنگو كەلگەندىن كېيىن، چېن چۈەنگونىڭ «ئوڭ قول ئادىمى» بولۇپ، پىلاننى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. جۇ خەيلۇن زور كۆلەملىك تۇتقۇننى يولغا قويۇش، كىملەرنى تۇتقۇن قىلىش، ساقچى ئورگانلىرىنىڭ نازارەت سىستېمىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق چەتئەللەرگە چىقىپ كىرگەنلەرنى، بىر قىسىم تېلېفون ئەپلىرىنى ئىشلەتكەنلەرنى ياكى مەلۇم سەۋەب بىلەن «گۇمانلىق» دەپ قارالغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىش قاتارلىق يول-يورۇقلارنى چۈشۈرگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت