لىتۋا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى شى جىنپىڭغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەكتۇپ يوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاباھەتلىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى خەلقئارادا بارغانسېرى كۆپ ھېسداشلىققا ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ياۋروپادىكى لىتۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن 30 كىشى بىرلەشمە ئىمزا قويغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەكتۇپ ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

10-دېكابىر كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئەۋەتىلگەن بۇ مەكتۇپتا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە ۋە كومپارتىيەگە بولغان ساداقەتنى بارلىق ئېتىقادلارنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ھەمدە بۇنى «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» دىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەكتۇپتا ئۇلار «شەرقىي تۈركىستان» ئىبارىسىنى ئىشلەتكەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشىنى، بولۇپمۇ ئۆزىگە خاس مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى نامايان قىلغانلىكى ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلارغا يوللىنىۋاتقانلىقىنى كەسكىن ئەيىبلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل قىرغىنچىلىقنى تېزدىن توختىتىشى لازىم» دەپ كۆرسىتىدۇ شۇنداقلا بۇ لاگېر تۇتقۇنلىرىنى تېزدىن قويۇۋېتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

مەكتۇپتا ئۇلار يەنە تىبەتلەر ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى توغرىسىدىمۇ توختالغان بولۇپ، خەلقئارادا ھەققانىيەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە ئىجابىي جەھەتتە تۈرتكە بولۇشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت